مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2021-يىل . جەنۇب-جەنۇب كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.12.10 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021-يىل . جەنۇب-جەنۇب كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى. ئادەمنىڭ ھاياتى، قىممىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، ھەممە ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىش دەۋر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن سىياسىي پارتىيە. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادەمنىڭ ئەركىن، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى كۆپ خىل بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ تاللىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ.

  2021 -يىل . جەنۇب-جەنۇب كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇق ئىدارە قىلىش» بولۇپ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ