لى كېچياڭ بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى دىكرو بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2021.12.09 13:23 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 7-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ جۇڭنەنخەينىڭبىنەپشە راۋىقىدا بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى دىكرو بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭبىنەپشە راۋىقىدا بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى دىكرو بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پادىشاھ فىلىپ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. جۇڭگو جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز بېلگىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېلگىيەنىڭ بىيو تېببىي دورىگەرلىك، مىكرو ئېلېكتىرون، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، جۇڭگو بېلگىيە بىلەن يۇقىرى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-بېلگىيە ئوخشاشلا ئەركىن سودىنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرى. جۇڭگو بېلگىيە بىلەن كۆپ تەرەپ رامكىسى ئاستىدىكى سۆھبەتلىشىش، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، بريۇسسېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي، بېلگىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.دىكرو مۇنداق دېدى: بېلگىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ زىچ ئالاقىلىشىپ كەلدى. بېلگىيە جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئالاقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇم تەسىرىنى يېڭىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سېلىنما، سودا، تېببىي دورا، پەن تەتقىقات، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېلگىيە جۇڭگو بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئەركىن سودىنى قوللاپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرىدۇ. بېلگىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ