لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلار) كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

2021.11.26 21:27 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلار) كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلار) كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. قازاقىستان زۇڭلىسى ما مىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. قىرغىزىستان زۇڭلىسى جاپپاروف، رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن، تاجىكىستان زۇڭلىسى راسۇلزودا، ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف، پاكىستان، ھىندىستان ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە داۋاملىق مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا تەكرار كۆرۈلۈۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون گۈللىنىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالايدۇ. لى كېچياڭ بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە زەربە بېرىش ھەمكارلىق پىروگراممىسى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك؛

  ئىككىنچى، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛

  ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. ئېچىۋېتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، سودا كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا سودا تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ؛

  تۆتىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھازىرقى «تېز يول» ۋە «يېشىل يول» رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛

  بەشىنچى، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئاساسەن خادىملار ئالاقىسىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. مۇھىت ئاسراش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تېببىي ئىلىم، قانۇنشۇناسلىق، يېزا ئىگىلىك داشۆلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كېلەر يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلىرى) كېڭىشىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مول ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان بىخەتەرلىك، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رايون ۋە خەلقئارادا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم سۇپىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش لازىم.

  لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئىمزالاپ ۋە ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى ۋە قارارلىرىنى تەستىقلىدى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ