مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.11.26 11:12 مەنبە: خەلق تورى

  يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈر زايومنى باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش بېكىتىلدى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11 –ئاينىڭ 24–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈر زايومنى باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك قەرزنى باشقۇرۇشتا پائال نەتىجە–ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، يوشۇرۇن قەرز ئازايدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي پىشاڭلىق نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، جايلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن سومما بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس زايومنى مۇۋاپىق تارقىتىپ ۋە ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز باشقۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق مەخسۇس قەرزنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس قەرز مەبلىغىنىڭ ئىجتىمائىي مەبلەغكە تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، بۇ يىل ئېشىپ قالغان سوممىنىڭ تارقىتىلىشىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ ئاجرىتىش ۋە چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا تېخىمۇ كۆپ ماددىي خىزمەت مىقدارىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، «مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش» تەلىپى بويىچە، كېلەر يىللىق مەخسۇس قەرز تۈرى ۋە مەبلەغ ئېھتىياجىنى تەرتىپكە سېلىش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ۋە زاپىسىنى كۈچەيتىپ، پىشقان تۈرلەردە ئىش باشلاشنى دەل ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، كېلەر يىللىق مەخسۇس قەرز نورمىسى ۋە تەقسىم قىلىش لايىھەسىنى مۇۋاپىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «تەڭ تەقسىماتچىلىق» قىلماي، قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە قىسمەن سوممىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈشنى تەتقىق قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، مەبلەغ ئىشلىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىنما قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى ھەشەمەتلىك ئىمارەت، ئوبراز قۇرۇلۇشى ۋە زۆرۈر بولمىغان يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. مەبلەغنى ئىگىلىۋېلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاجرىتىپ بېرىش، ئۇزاق مۇددەت بىكار تۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەخسۇس قەرز مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان قاتتىق تۈزىتىش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ھەم بىكار تۇرغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش، يېڭىدىن كۆپەيگەن سومما چېكىنى تۇتۇپ قېلىش، سەلبىي تىپلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ جازالاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈدىغانگەۋدىلىكمەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش ئەھۋالىدا، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا خىزمەت قىلىدىغان، ئولتۇراقلاشقان ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە كېسەلخانىدا يېتىش ۋە ئامبولاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، داۋالىنىش ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ باشقا جايدا ئەنگە ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا %70تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلىش رايونىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كېلەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر بىر ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىر تورلاشقان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبۇلاتورىيەدە خىمىيەلىك داۋالاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى دىئالىز قىلىش، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى يەكلەشكە قارشى داۋالاش قاتارلىق بەش خىل ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما ئالاھىدە كېسەللىك خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىرتۇتاش غەملىنىدىغان بارلىق رايونلارنى قاپلاش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلىش قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارماقلارئارا سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە رايون ھالقىغان كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىشنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدامچىلىق، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىدىن ئىبارەت بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ «جان قۇتقۇزۇش پۇلى»نى ياخشى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ