مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسى قۇرۇش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك

​لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2021.11.26 09:21 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى (2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە)» «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «جۇڭگۇەنسۈن دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نىشاننى بېكىتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بالدۇر نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سىستېمىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتى ۋە بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتتە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، ئىدارە قىلىنىشى مۇكەممەل بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي تەلەپنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش ۋە نامايان قىلىش، تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مول ئوزۇققا ئايلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگۇەنسۈن دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا بايلىقى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈملەرنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىپ، بىر قىسىم مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلاردا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. لېكىن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسىدە يەنىلا بىر قىسىم گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەر ساقلانغان بولۇپ، بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرى تېخى تۈپتىن تۈگىتىلگىنى يوق.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى رەھبەرلىك قىلغۇچى، تەشكىللىگۈچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇرچنى قوزغاتقۇچ قىلغان، ۋەزىپىنى يۆنىلىش قىلغان دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىدە تۈر تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىستېمىلاشقان رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن-تېخنىكا كۈچى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا، كەسىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، مۇلازىمەت قىلىش، قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت بۇرچىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ سۇبيېكتلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەنى تۇتۇش، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، يىرىك پىلاننى تۇتۇش، مۇلازىمەتنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلان، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور پەن تەتقىقات تۈرلىرىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ۋەزىپە ئېھتىياجى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، «ھەربىي بۇيرۇق ۋەدىنامىسى» تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت بولۇش، باشقۇرۇش بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېرىلگەن ھوقۇقنى ياخشى ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بەرگەن ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ ئالالايدىغان، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشى مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، بازارلاشقان سودا توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. كۆپ قاتلاملىق، بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، رايونلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازارلىرىنى ماس ئايلىنىشقا، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، بىرلىككە كەلگەن سودا قائىدىسى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك رىقابەتلىشىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆمۈر ئېلېكتىر باھاسىنىڭ بازارلىشىپ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توك باھاسىنى يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سىياسەت، قانۇن-نىزام، ئىلمىي كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەر، يېزا ئىگىلىكى، ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ نىسپىي مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ماس كېلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ بازار سودىسىغا قاتنىشىشىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش، بەنزىنى تۇتۇش، قوشۇننى يېتەكلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىدىيە-سىياسىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى مەكتەپ تەربىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، قەدەم-باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى، ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدىكى مەكتەپلەرگە قارىتا، ئىدىيە تەييارلىقى، تەشكىلىي تەييارلىق، خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، بىرى پىشىپ يېتىلسە، بىرىنى تەڭشەپ، ئىسلاھاتنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرى ناھايىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قوغداش، ئەسلىي گەۋدىسىنى قوغداش ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى قوغداش، يەككە نۇقتىلىق قوغداش ۋە توپ قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ تارىخىي چىنلىقى، قىياپىتىنىڭ مۇكەممەللىكى، مەدەنىيەت ئىزچىللىقىنى قوغداپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى بەلگىسىنى دەل جايىدا تاۋلاپ چىقىپ ھەم نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتى، ئېستېتىك قىممىتى، پەن-تېخنىكا قىممىتى، دەۋر قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۆزگىرىش ياساپ، سۇپا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلاپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تاشقى ئالاقە سۇپىسىنى پائال كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادا تارقىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگۇەنسۈن دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكنى، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى توپلاش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكا باغچە رايونى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە بېسىم سىنىقى رولىنى ئويناپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى توپلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ