مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2021-يىللىق شىمالىي ۋەيتەن خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.11.05 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 2021 -يىللىق شىمالىي ۋەيتەن خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۇ تىرانسپورتى خەلقئارا سودا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. يەر شارىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقىلىۋاتقان ئەھۋالدا، سۇ تىرانسپورت كەسپى يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ تىرانسپورت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، خەلقئارا سۇ تىرانسپورت ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقئارا سۇ تىرانسپورت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  2021-يىللىق شىمالىي ۋەيتەن خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى مۇنبىرى شۇ كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى، «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش — كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن خەلقئارا سۇ تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى قايتا بەرپا قىلىش» مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى، مۇنبەرنى شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ