مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقى بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.11.05 13:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەلكۈن ۋەيران قىلغان ئېتىز-ئېرىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە دېھقانلارنى ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش-قوغداشقا پائال قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تاماملاپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز- ئېرىق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. دۆلەت سۇ تورىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قۇرۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ زامان-ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى تۈگىتىپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا سۇغىرىش رايونلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئېكولوگىيەسى مۇھىتىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يەر بايلىقى چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز- ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۇغىرىش كۆلىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى پائال قېزىپ، يېڭىدىن تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق قۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇچىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىش، مۇستەھكەملەشنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئايلىنىشنىڭ باشقۇرۇش-قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈزگى بۇغداي، قىچا ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، چوشقا گۆشى، كۆكتات قاتارلىق كۆك-تاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ