جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى

لى كېچياڭ سۆز قىلدى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.11.05 09:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2020 ـ يىللىق دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى ئاكادېمىك گۇ سۇڭفېن ۋە چىڭخۇا داشۆدىكى ئاكادېمىك ۋاڭ داجۇڭغا مېدال، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارنى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككىيلەن بىلەن بىرلىكتە دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆزىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە قوللىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقتى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشتى. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، «قابىللار باشلامچى بولۇش» قاتارلىق مېخانىزملارنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى خالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغانلارنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم ـ پەن قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەركىن ئىزدىنىش بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىش»تەك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانا ۋە جەمئىيەت كاپىتالىنى سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولىدىغان ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەستايىدىل ـ پۇختا بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ «0دىن 1گىچە» بولغان ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى قوللاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى دېدى: كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئومۇمىي مەنپەئەتدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىنى ئېچىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىشنى، ئىجاد قىلىشنى چەكلەيدىغان ئوشۇقچە بەلگىلىمە ـ تەرتىپلەرنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش كېرەك. مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەنگە بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنىشىغا، ياخشى باشقۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا بويىچە باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق تۇپراق ۋە مۇھىتنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇبيېكتلىرىنى يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈش، چېچەكلەپ مېۋە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايانسا مىللەت قەد كۆتۈرىدۇ، پەن ـ تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلىم ـ پەن ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىپ، دۇنيا بويىچە پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2020 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى.

  ۋاڭ داجۇڭ بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، شياۋ جيې، لۇ جەنگۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، 2020 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى ھەم ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پايتەخت پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  2020 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە جەمئىي 264 تۈر، ئون پەن ـ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋە بىر خەلقئارا تەشكىلات باھالاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى كىشى دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 46 تۈر دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 44 تۈر 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 61 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 58 تۈر 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 157 تۈر دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر ئالاھىدە مۇكاپاتقا، 18 تۈر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 137 تۈر 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ چەت ئەللىك سەككىز مۇتەخەسسىسكە ۋە بىر خەلقئارا تەشكىلاتقا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتى بېرىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ