مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو - پېرۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى كاستىللو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.11.04 12:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كاستىللو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - پېرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتى پۇختا ئاساسقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى سىجىل كېڭىيىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پېرۇ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى شەرھلىدى. مەن جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى جۇڭگو - پېرۇ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگو - پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  كاستىللو تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېرۇ بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. پېرۇ تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيا ۋە ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەپ، پېرۇ تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، سېلىنما، ساياھەت، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ