مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بازار سۇبيېكتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش لازىم

2021.11.03 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بازار سۇبيېكتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ئىدارىسىدا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىنىشكىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق بازار سۇبيېكتى ئىجازىتى، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، ئىش بېجىرىش قاتارلىقلار تېخىمۇ قولايلاشقان، لى كېچياڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. سانلىق مەلۇمات ئانالىز مەركىزىدە، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 150 مىليوندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېقىنقى ئون يىلدا يېڭىدىن 100 مىليونى كۆپەيگەن. يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سانىمۇ 100 مىليوندىن ئاشقان. مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى، دۆلەت مالىيە كۈچى ۋە ئىجتىمائىي بايلىق مۇقىم ئاشتى، 700 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي رامكىسى يۈكلەندى، يەككە سودا-سانائەتچىلەرلا 300 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. لى كېچياڭ بازار سۇبيېكتى، رايون، كەسىپلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە جانلىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلىدىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە تاپشۇرغان باجنىڭ ئۆزىلا 3 تىرىليون 810 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يەرلىك ۋە ساھەلەردىن قارىغاندا، بازار سۇبيېكتى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە جانلىنىدۇ، ئۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتىنىڭ بارلىققا كېلىشى، چوڭ بولۇشى، ياخشى ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى دوكلات بەردى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەككە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى، ۋۇمېي شىركىتى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ياكى مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردۇق. مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى مۇھىت ئالدىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى، بولۇپمۇ ئالدىنقى «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ داۋان ئېشىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بازار سۇبيېكتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغىنى بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى. كۆپ تەرەپلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە ئىقتىساد يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، ئەۋرىشىملىكىنىڭ مەنبەسى، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىنچىلىقىغا قارىتا يېڭى باسقۇچلۇق، بىرىكمە شەكىلدىكى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇۋاپىق پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە داۋاملىق يېتەكلەپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى قوللاش كېرەك. ياخشى ئىشلەپ، توك، كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، سانائەت ئىقتىسادىنى يۈرۈشتۈرۈشنى گۈللەندۈرۈش لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپول ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇپ، بېسىمدارلىق قىلىش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، ئادىل، ھەققانىي بازار تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تارماقلار مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىشى كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ