مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

«ئارمىيە جابدۇقلىرىنى زاكاز قىلىش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

2021.11.03 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيە جابدۇقلىرىنى زاكاز قىلىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 2021 -يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  «بەلگىلىمە»دە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، دىققەت ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جابدۇق زاكاز قىلىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جابدۇق زاكاز قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسىي ۋەزىپىسى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئارمىيە جابدۇقلىرىنى زاكاز قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىزامى.

  «بەلگىلىمە» جەمئىي سەككىز باب، 42 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئاساسىي جەڭگە مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئاساسلىق قۇرۇش ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئارمىيەنىڭ قورال-جابدۇق زاكاز قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جەڭگىۋارلىقنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قورال-جابدۇق زاكاز قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرۈش، پىلان تۈزۈش، قۇرۇلۇش تۈرى تۇرغۇزۇش، توختام تۈزۈش، نازارەتچىلىكنى ئادا قىلىشنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ قورال -جابدۇق قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان زىددىيەتلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، سۈپەتنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش، ئەلالىرىنى تاللاش، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ