مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ تايلاند پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە يۇقىرى پالاتانىڭ باشلىقى پېڭپېي بىلەن كۆرۈشتى

2021.11.02 21:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا تايلاند پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە يۇقىرى پالاتا باشلىقى پېڭپېي بىلەن سىن شەكلىدە كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئورتاق مەنپەئەتى كەڭ ھەم چوڭقۇر. جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مۇھىم، ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-تايلاند مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى تايلاند يۇقىرى پالاتاسى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق مۇھىم رول ئويناشنى خالايدۇ.

  پېڭپېي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، ئۇ مۇنداق دېدى: تايلاند يۇقىرى پالاتاسى تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى قوللايدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تايلاند-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  چېن شياۋگۇاڭ، لى بىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ