شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى

2021.11.01 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا داۋاملىق سىنلىق شەكىلدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  ■ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك دۇنياۋى خىرىس بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ __ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشتا. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك، ﺗﻪﯕﭙﯘڭ بولغان ﺳﯩﻴﺎسەت-ﺗﻪدﺑﯩﺮلەرنى ﻗﻮللانساق. مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش لازىم، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرسەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق يول بولۇش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىنى ئۇل تېشى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرساق. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى ئالدى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرمۇ ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

  ■ جۇڭگو يېقىندا يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەر شارى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى بۇ جەھەتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرىكەتنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا داۋاملىق سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك دۇنياۋى خىرىس بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ __ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشتا. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك، ﺗﻪﯕﭙﯘڭ بولغان ﺳﯩﻴﺎسەت-ﺗﻪدﺑﯩﺮلەرنى ﻗﻮللانساق. مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش لازىم، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرسەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق يول بولۇش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىنى ئۇل تېشى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرساق. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى ئالدى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرمۇ ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن 15 يىلدا، جۇڭگو كاربون قويۇپ بېرىش كۈچلۈكلۈكىدە، 2020-يىللىق كىلىمات ھەرىكىتى نىشانىنى زور كۆلەمدە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى. جۇڭگو نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەردە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە تىرەك تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ۋە «بىر قوشۇلغان N » سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئېنېرگىيە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتى بار جايلار، كەسىپلەر، كارخانىلارنىڭ ئالدى بىلەن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشىنى قوللاپ، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يامرىشى كۆپ قاتلاملىق كىرىزىسنى پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مىسلىسىز زەربە ۋە سىناققا دۇچ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇردىكى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، مەنپەئەتى ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش __ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە يەر شارىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېقىندا يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەر شارى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى بۇ جەھەتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرىكەتنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى يەر شارىنىڭ ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى قارالمىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىق، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم.

  ئىككىنچى، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، سانائەتلەشتۈرۈش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش لازىم. جۇڭگو بۇ يىل 9-ئايدا خەلقئارا ئاشلىق زىيىنىنى ئازايتىش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى سۇپىسى ئارقىلىق، داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە لايىھەسىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يەر شارى تەرەققىياتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارى تەرەققىياتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش لازىم، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بايلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن چوڭقۇر جىپسىلىشىپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىم يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىتالىيەدىكى نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى



  10-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا داۋاملىق سىنلىق شەكىلدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ