مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.11.01 09:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇرۇپ كۈچىيىپ، تۇرۇپ پەسىيىپ، قايتا ـ قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ناھايىتى تەستە قايتا جانلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدە پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگو ـ ئەنگلىيە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساس، چۈشىنىش ئالدىنقى شەرت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئاچقۇچ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈمىگە ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ـ ئەنگلىيە سودا سېلىنمىسى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ، جۇڭگو ـ ئەنگلىيە ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىپ، داۋالاش ـ سەھىيە، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان مۇئامىلە بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو تەرەپمۇ ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ھەمكارلىقىنى قولايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەنتەربىيە ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى جاكارلىدى ھەم دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى زورايتىدىغان بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، تەرتىپلىك، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق. جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئىزچىل دېگىنىگە جەزمەن ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» 26 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى يۈكسەك ئىرادىنى ئەمەلىي ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكرىنى قوللايمەن. ئەنگلىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، ئىران يادرو مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ سەمىمىي سۆزلىشىش، دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا، مائارىپ، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنى ئېچىۋېتىلگەن تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئەنگلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 1 ـ باسقۇچلۇق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش مەسىلىسىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يەر شارىدا تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ