شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2021.11.01 09:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سىجىل قايتا - قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاجىز، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسى گەۋدىلىك، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ئاساسىي مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش ۋاسىتىلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىش، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشتا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەر شارىۋى ۋاكسىنا ھەمكارلىقى ھەرىكىتى توغرىسىدا تەشەببۇس چىقىرىشنى خالايمەن: بىرىنچى، ۋاكسىنا پەن تەتقىقاتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان 2022 - يىللىق يەر شارىۋى ۋاكسىنا ئەملەش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا بالدۇرراق قارار چىقىرىشىنى قوللاپ، ۋاكسىنا كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، چېگرا ھالقىغان سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ۋە خام ماتېرىيال سودىسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ھەر خىل ۋاكسىنىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنىنى جىددىي ئىشلىتىش تىزىملىكىنى ئاساس قىلىپ، ۋاكسىنىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالتىنچى، يەر شارىۋى ۋاكسىنا ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىغا ئېرىشىشىنى پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 1 مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يىل پۈتۈن بىر يىلدا باشقا دۆلەتلەرنى 2 مىلياردتىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھازىر 16 دۆلەت بىلەن ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، 30 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋاكسىنا ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يەر شارىۋى ۋاكسىنا مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قايتا جانلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك. ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەسئۇلىيەتچان ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى قوللىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سەلبىي تاشما تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىپ، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىنى قوغدىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىشنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى كۆپەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرگە قەرز بېرىشنى خالايدۇ.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقى خەلقئارا مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ ئادىللىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىياتنى ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئافرىقا ۋە ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ئادا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بايلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تەشەببۇس قىلغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاساسىي مەقسىتى ۋە نۇقتىلىق يۆنىلىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قېزىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تولۇق قاتنىشىش، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا قائىدە تۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە يارىتىشى كېرەك. مەقسەتلىك ھالدا كىچىك گۇرۇھ بولۇۋېلىش، ھەتتا ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلىش پەقەتلا ئارازلىق پەيدا قىلىدۇ، توسالغۇلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئېغىر زىيىنى باركى، قىلچە پايدىسى يوق.

  رەقەملىك دەۋردىكى مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، يېڭىچە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ «رەقەم جەھەتتىكى ھاڭ»نى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. جۇڭگو «يەر شارىۋى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان رەقەملىك ئىدارە قىلىش خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك تەرەققىيات مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلساق بولىدۇ. جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  بەشىنچى، ئىناق بىللە ئۆتۈش، يېشىل، مەڭگۈلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» 26 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قوللىشى كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش مەسىلىسىدە ئۈلگە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىگە تولۇق ئېتىبار بېرىپ، كىلىمات مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەم تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  جۇڭگو ئىزچىل تۈردە دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز ئالدىغا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەرىكەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. جۇڭگو 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بىز ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىپ، لەۋزىمىزدە تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا ماڭىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگودا قەدىمكىلەر «سەمىمىي كىشىنىڭ دوستى كۆپ» دەپ ئېيتقان. بۇ دېگەنلىك، سەمىمىي بولۇش دوست تۇتۇشنىڭ ئاساسى دېگەنلىكتۇر. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، قائىدە، قائىدە - تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىقلارنى تۈزۈم تىپىدە ئېچىۋېتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي بازار تەرتىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە موھتاج. يولدا توسالغۇ كۆپ ھەم ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭساقلا مەنزىلگە يېتىپ بارالايمىز، بوشاشماي تىرىشساقلا، نىشانغا ھامان يېتەلەيمىز. بىز ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇم تۇمانىنى بالدۇرراق تارقىتىۋېتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى.

  ئۇچرىشىش يىغىنىغا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق رەئىس دۆلىتى ئىتالىيەنىڭ زۇڭلىسى دراجى رىياسەتچىلىك قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىتالىيەدە نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ