مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق ياسىمىچىلىقكارخانىلىرىغا قارىتا باسقۇچلۇق باج تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار چېگرا ئىچىدىكى زايوم بازىرىغا مەبلەغ سالغاندىكى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئۇزارتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى

2021.11.01 08:54 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10 –ئاينىڭ 27–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق ياسىمىچىلىقكارخانىلىرىغا قارىتا باسقۇچلۇق باج تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار چېگرا ئىچىدىكى زايوم بازىرىغا مەبلەغ سالغاندىكى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئۇزارتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر بازار سۇبيېكتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، بازارنى جانلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى قاتارلىقلارنىڭ كارخانىلار، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە قارىتا بازارلاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق شەكلى ئارقىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، بازار كۆزلىمىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىل 4-پەسىلدە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاقياسىمىچىلىق كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال بېجى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قوشۇمچە ئېلىنىدىغان شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، شۇنىڭدەك يەككە سودا- سانائەتچىلەر، شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار ۋە ھەمشېرىك كارخانىلار تاپشۇرغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى (ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)ىگە قارىتا باج تاپشۇرۇشنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يىللىق سېتىش كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن تۆۋەن كىچىك، ئۇششاق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى (يەككە سودا–سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ ھەممىسى كېچىكتۈرۈلىدۇ؛ يىللىق سېتىش كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن 400 مىليون يۈەنگىچە بولغان ئوتتۇرا تىپتىكى ياسىمىچىلىقكارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج %50 بويىچە كېچىكتۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار قانۇن بويىچە باجنى كېچىكتۈرۈشنى ئالاھىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. باجنى كېچىكتۈرۈش بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، كېلەر يىلى 1 -ئايدا ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى ئاخىرلاشقىچە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق ياسىمىچىلىقكارخانىلىرىنىڭ 200 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى بېجىنى كېچىكتۈرۈش مۆلچەرلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆمۈر ئېلېكتىر، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 4-پەسىللىك باج پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، 17 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى باجنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۆلچەرلەندى. يۇقىرىقى باجنى كېچىكتۈرۈش تەدبىرىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ ئاي بولىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار باجنى كېچىكتۈرۈش ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ دەل جايىدا، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ۋە ئۇنىڭدىن تېز بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىپ باجنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قاتتىق توسۇشى كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەلەر شەھەر، ناھىيە مالىيەسىگە يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باجنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ مائاشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بازار سۇبيېكتىغا قارىتىلغان كېيىنكى قەدەمدىكى باجنى كۆلەملىك كېمەيتىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، ماكرولۇق ئالدىن تەڭشەش، ئىنچىكە تەڭشەشنى مۇۋاپىق، قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى چوڭ بازىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىنى زايوم بازىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يىغىندا، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ ئېرىشكەن زايوم ئۆسۈم كىرىمىدىن كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى «14- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى 2025-يىل 12-ئاينىڭ 31 -كۈنىگىچە ئۇزارتىش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زىيادە ھايانكەشلىك قىلىش، بازارنى كونترول قىلىش قاتارلىق قانۇن -بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ