لى كېچياڭ 16-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2021.10.31 20:56 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 16-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا 16-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. بىرۇنېي سۇلتانى ھاسانال يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى «رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇنبەر» بولۇپ، ئەزالىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنى قاپلىغان، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا «يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شەرقىي ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چاقنىڭ بىرلىكتە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى شۇ كۈندىكى خەلق گېزىتىنىڭ 2-بېتىدە)

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى باشتىن-ئاخىر ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەڭپۇڭ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم يېتەكچى پىرىنسىپى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

  بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش لازىم. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چامىنىڭ يېتىشىچە ۋاكسىنا ۋە باشقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمىنى كۈچەيتىدۇ. «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»نى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەركىن سودا، ئادىل سودىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)نىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (CPTPP)گە قاتنىشىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلدى، ئېچىۋېتىش ۋەدە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

  ئۈچىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك. تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تەكشى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ مۇقىم، بىخەتەر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن ماس قەدەمدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىندا «سىجىل ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى بايانات»نى ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىيلىك ئورنىنى قوللاش لازىم. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان رايون ھەمكارلىق رامكىسى مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرما شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى شەكلىدە» مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، رايون مۇقىملىقىنى، بىرمىنىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي دېڭىز بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز. جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، جەنۇبىي دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۈنۈملۈك، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە رايون قائىدىسى توغرىسىدا بالدۇرراق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىنى ماھىيەتلىك ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم پائال ئالغا سىلجىتتى. رايون دۆلەتلىرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللىنىش، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇردىن بۇيان، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىغا ئەزا دۆلەتلەر سەھىيە-ساغلاملىق، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، دېڭىز-ئوكيان، مائارىپ، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقۇم، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىس ئالدىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش، ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق گۈللىنىش روھى بويىچە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، ۋاكسىنا ۋە دورىلارنى ئادىل تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەركىن سودا، ئاممىۋى سەھىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ساقلاپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىيلىك ئورنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى رايون ھەمكارلىق رامكىسىغا ھۆرمەت قىلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا «سىجىل جانلىنىش توغرىسىدىكى بايانات»، «مەنىۋى ساغلاملىق ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى رەھبەرلەر باياناتى» ۋە «ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى رەھبەرلەر باياناتى» قاتارلىق نەتىجىلەر ماقۇللاندى.

  شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ