مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.10.19 08:32 مەنبە: خەلق تورى

  دېموكراتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئىدىيە. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە دۆلىتىمىز خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ دېموكراتىيە توغرىسىدىكى ئاساسىي قارىشى ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى. قانداق قىلغاندا دېموكراتىيە قىممىتى بىلەن ئىدىيەسىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئايلاندۇرغىلى، كونكرېت رېئال دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، شەكىل بىلەن مەزمۇننى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە، توغرا تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ۋە شەكىل، ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. سىياسىي تۈزۈم سىياسىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، سىياسىي تەرتىپنى ئورنىتىش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مۇئەييەن جەمئىيەت، سىياسىي شارائىتتىن ئايرىلغان ھالدا ئابستراكت باھا بېرىشكە بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ دېموكراتىك بولغان ـ بولمىغانلىقى، ئۈنۈملۈك بولغان ـ بولمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالماشقان ـ ئالماشمىغانلىقى، بارلىق خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان ـ باشقۇرالمىغانلىقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان ـ باشقۇرالمىغانلىقى، خەلق ئاممىسى مەنپەئەت تەلىپىنى راۋان ئىپادىلىيەلىگەن ـ ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشالىغان ـ قاتنىشالمىغانلىقى، دۆلەت تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ـ ئاشۇرالمىغانلىقى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق كىرەلىگەن ـ كىرەلمىگەنلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ـ ئاشۇرالمىغانلىقى، ھوقۇق ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چەكلەنگەن ـ چەكلەنمىگەنلىكى ۋە نازارەت قىلىنغان ـ قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك».

  دېموكراتىيە بېزەك بۇيۇمى ئەمەس، ئۇنى تىزىپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى خەلق ھەل قىلىشقا موھتاج بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشقان ـ ئاشمىغانلىقىدا، بۇنىڭدا خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا قاراش كېرەك؛ خەلقنىڭ سايلام جەريانىدا قانداق ئاغزاكى ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى سايلامدىن كېيىن بۇ ۋەدىلەرنىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا قاراش كېرەك؛ تۈزۈم ۋە قانۇنلاردا قانداق سىياسىي تەرتىپ ۋە سىياسىي قائىدىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىگە قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تۈزۈم ۋە قانۇنلارنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنغان ـ قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ ھوقۇق يۈرۈشۈش قائىدىسى ۋە تەرتىپىنىڭ دېموكراتىك بولغان ـ بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ھوقۇقنىڭ خەلقنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە چەكلىمىسىگە ھەقىقىي ئۇچرىغان ـ ئۇچرىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر خەلق پەقەت بېلەت تاشلىغاندا ئويغىتىلىپ، بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈچەككە كىرىپ كەتسە، پەقەت سايلام رىقابىتىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان شوئارلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، سايلام رىقابىتىدىن كېيىن ھېچقانداق سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، پەقەت بېلەت توپلىغاندا ئەتىۋارلىنىپ، سايلامدىن كېيىن سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، بۇنداق دېموكراتىيە ھەقىقىي دېموكراتىيە ئەمەس. دېموكراتىيە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتى، ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ پاتېنتى ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى باھا بېرىشى، ھەرگىزمۇ تاشقى قىسىمدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر كەلسە ـ كەلمەس باھا بەرمەسلىكى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتتە قايسى دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق باھا بېرىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەر باھا بەرمەسلىكى كېرەك. دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۆپ خىل شەكلى بار، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىش مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادىكى مول ھەم رەڭدار سىياسىي تۈزۈملەرنى بىرلا خىل ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش، ئىنسانلارنىڭ رەڭگارەڭ سىياسىي مەدەنىيلىكىگە ئاددىي نەزەر بىلەن قاراشنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە ئەمەس.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر تۆۋەندىكى ئاساسىي قاراشلاردا چىڭ تۇردى: بىرىنچى، خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، دېموكراتىيە بولمىسا سوتسىيالىزم بولمايدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان توغرا يول بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرىشىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تۆتىنچى، خەلق سايلاش، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈش ۋە خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن تولۇق كېڭىشىپ، ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەردە ئىمكانقەدەر بىردەك پىكىرگە كېلىش جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئىككى خىل مۇھىم شەكلى بولۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تۈزۈم ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن. بەشىنچى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئاساسىي قاراشلار جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى چوڭقۇر يەكۈنى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ سىياسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، نەزەرىيە ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە كېڭەيتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  خەلق دېموكراتىيەسى بىر خىل پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە مۇقەررەر يولى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ بېكىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدەندى ۋە كۈرەش قىلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇل بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشتا، ئالدى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغاندىلا، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى مۇقەررەر ھالدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، تەرەققىي قىلىپ، ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى ئۇرغۇپ، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىگە تولغان تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دېموكراتىيە ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ