مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىئەندە يېپىلدى

لى كېچياڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2021.09.28 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 27-سېنتەبىر كەچتە شىئەندە يېپىلدى.

  كەچ سائەت 8دە، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى شىئەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە ناخشىسى «كەلگۈسىنى قوغلىشىپ يولغا چىقىش» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ئاستا-ئاستا چۈشۈرۈلدى، 13 كۈن كۆيگەن ئاساسىي مەشئەل ئاستا-ئاستا ئۆچتى.

  سۈن چۈنلەن، جاڭ چۈنشيەن، شياۋ جيې، گۇ شېڭزۇ ۋە مياۋ خۇا يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىكى مۇھىم تۈگۈندە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز 2035-يىلى تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇھىم ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، «ئومۇمىي خەلق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بىر نىيەتتە تەڭ ئىلگىرىلەش» باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، كۈرەش قىلىشتا مەن بار» دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىقنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق تەسىس قىلدى. ساھىبخان ئۆلكە شەنشى ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىش سەھنىسى ھازىرلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىر مەيدان ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلدى.

  خۇشال، قىزغىن كەيپىياتتا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مەيدانغا كىردى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتى ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش خاتىرە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يىدې تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالتىس، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي خەلق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۇتاشتۇرغان ئۈمىد ئوتى، يورۇتقان ئارزۇ نۇرى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ھەممە بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. شەنشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتىدۇ.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گوۋ جۇڭۋېن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتىن قوش مول ھوسۇل ئېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشايلى.

  يېپىلىش مۇراسىمىدا، جاۋ يىدې مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى گوۋ جۇڭۋېنغا بەردى، گوۋ جۇڭۋېن مۇسابىقە بايرىقىنى 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇننىڭ ۋەكىلى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇي، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىن جېڭيۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2025-يىلى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى شىئەندە باشلاندى، 35 ماھارەت مۇسابىقىسى تۈرى ۋە 19 ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيىتى بولۇپ جەمئىي 595 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى، 12 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋى تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. توققۇز ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىر كوماندا 12 قېتىم 12 تۈردە دۇنيا رېكورتىنى، بىر ئادەم بىر كوماندا ئىككى قېتىم ئىككى تۈردە ئاسىيا رېكورتىنى، 15 ئادەم يەتتە كوماندا 24 قېتىم 24 تۈردە مەملىكەت رېكورتىنى ياراتتى.

  يېپىلىش مۇراسىمىدا يەنە «ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ