مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ بىرۇنېي قانۇن كېڭىشىنىڭ باشلىقى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.09.26 09:17 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 9–ئاينىڭ 23–كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرۇنېي قانۇن كېڭىشىنىڭ باشلىقى راخمان بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئايرىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۇلتان خاسانئال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق–ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى سىجىل كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، چوڭقۇرلاشتۇردى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن بىرۇنېي بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىرۇنېي بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىرىنچىدىن، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى بىرلىكتە يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ نامىنى بۇلغاشقا، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، بىرۇنېي ئوتتۇرىغا قويغان «2035 ئۇلۇغ ئارزۇسى» بىلەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن تۈزگەن «2035 يىللىق كەلگۈسى نىشان» ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماسلىشىش نۇقتىسى، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-بىرۇنېي ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ياخشى ئالاقە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرۇنېي قانۇن كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىپ ياكى تۈزىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى سىياسەت، قانۇن مۇھىتى يارىتىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، قانۇن-تۈزۈم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللاردىن پائال بەھرىمەن بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى، ئاسىيا پارلامېنتلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزىمىدا داۋاملىق ياخشى ماسلىشىدۇ.

  راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. بىرۇنېي جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ھەمكارلاشتى. جۇڭگونىڭ بىرۇنېينىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، ۋاكسىنا بىلەن پائال تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلدى. بىرۇنېي قانۇن كېڭىشى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ