مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.24 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9– ئاينىڭ 22–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇۋاپىق مۆلچەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش تەلەپ قىلىندى؛ «14-بەش يىل»لىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بەلگىلەندى؛ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاشنى تېزلىتىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. لېكىن يېقىندا خەلقئارا مۇھىتتىكى ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيدى، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىمۇ يۇقۇم تارقىلىش، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئالدىن تەڭشەش، مىكرولۇق تەڭشەش ۋە دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ مۇۋاپىق كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا داۋاملىقكاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ بازارلاشتۇرۇش چارىسىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قىش پەسلىدىكى توك، تەبىئىي گاز قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سېلىنمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئۇچۇر تورىنى ئاساس، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلغان يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش __ مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق. بىرىنچىدىن، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ تايانچ تورى ۋە شەھەر تورىنى ماس كېڭەيتىپ، مىڭ مېگابايتلىق نۇر تورىنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى سودىلاشتۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى، يول باشلاش، يىراقتىن سېزىش قاتارلىق بوشلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش،نەرسە تورىنىئومۇميۈزلۈك، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يۇغۇرما ئۇل ئەسلىھەنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يۈرۈشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەقلىي ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكىنى رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يىراقتىن داۋالاش، تور مائارىپى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، داشۆ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك گىرەلەشمە ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ ئورتاق ئاساسىي تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاش كېرەك؛ ئوچۇق، كەسىپلەشكەن ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، كۆپ مەنبەلىك سېلىنمىغا ئىلھام بېرىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە چېگرا سىرتىدىكى كاپىتالنىڭ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك؛ ئالاقىدار خەلقئارا قائىدە–ئۆلچەم تۈزۈشكە قاتنىشىش كېرەك. بەشىنچىدىن، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۇ ئامبىرى بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە ھاياتى، مال -مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھازىر بار بولغان خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەشنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، يەرلىكنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك، جايلار، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلار نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇش ئۈنۈملۈك مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغنى بىرتۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ بۇ يىللىق خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش تۈرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەتەرلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان سۇ ئامبارلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، مەركەز مالىيەسى زۆرۈر مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەپ سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش، ئېكولوگىيە قاتارلىق تەلەپلىرىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، سۇ ئامبىرىغا ئالاقىدار تېخنىكىلىق ئۆلچەمنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئاددە ئاپەتلىك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىلمىي باشقۇرۇش-ئاسراش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش- ئاسراش سۇبيېكتى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەبلەغ يوللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ يامغۇر سۈيىنى كۆزىتىش-مەلۇم قىلىش ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالدا كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش، خادىملارنى يۆتكەش قاتارلىق جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ