شى جىنپىڭ بىز ئىلگىرى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلمىغان، باشقىلارنى بوزەك قىلمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم قىلمايمىز، زومىگەرلىك قىلمايمىز، دېدى
2021.09.23 17:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدا 76-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىق، ئىناقلىق ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئىنتىلىدۇ. بىز ئىلگىرى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلمىغان، باشقىلارنى بوزەك قىلمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم تاجاۋۇز قىلمايمىز، زومىگەرلىك قىلمايمىز. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلدى، داۋاملىق جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ