مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىغا ياڭ جېننىڭنى يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى

2021.09.23 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى چىڭخۇا داشۆسىگە بېرىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق فىزىكا ئالىمى ياڭ جېننىڭنى يوقلىدى، شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن گۈل سېۋىتى سوۋغا قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ياڭ جېننىڭنىڭ 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە بولغان تىلىكىنى يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ساغلام بولۇشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلىدى.

  ياڭ جېننىڭ 1922-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1957-يىلى ئاجىز ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن لى جېڭداۋ بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ياڭ-مىللس قائىدىلىك مەيدان» نەزەرىيەسى 20-ئەسىر فىزىكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى. 2003-يىلىدىن باشلاپ، ياڭ جېننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە جەلپ قىلىش، جۇڭگو-چەت ئەل ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ