مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ليۇكسېمبۇرگ مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئېتران بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.09.23 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 22-سېنتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىنلىق شەكىلدە ليۇكسېمبۇرگ خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئېتران بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ليۇكسېمبۇرگ جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ليۇكسېمبۇرگ ئۆزئارا قوللاپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا يېڭى مەزمۇن قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى دۇنيا مۇلازىمەت سودىسى باشلىقلار يىغىنىدا: جۇڭگو ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈلگە رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو ليۇكسېمبۇرگ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ؛ پىكىر ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيادىكى مۇھىم كۈچ. رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىرلەشمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان «ئىككى چوڭ كۈچ»، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ئىككى چوڭ بازار»، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ئىككى چوڭ مەدەنىيەت»تۇر. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنى كېڭىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ دوستلۇقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ليۇكسېمبۇرگ مىللىي پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈچۈن ياخشى سىياسەت، قانۇن مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، يېشىل مۇھىت ئاسراش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئېتران مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ليۇكسېمبۇرگ بىلەن جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدۇ، گەرچە دۆلەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پۈتۈنلەي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، تەۋرەنمەس ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقىغا گۇۋاھ بولدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا يۈزلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ليۇكسېمبۇرگ مىللىي پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ