مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك تۇغۇت سىياسىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى

ئاممىنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىپ،ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

2021.07.28 12:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 27-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نوپۇس مەسىلىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، ئومۇمىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم تەدبىر، ھەمدە نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا ۋە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر بىلەن تۇغۇت سىياسىتىنى يانداش جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ، پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئالاھىدە ئائىلىلەرگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يانداش سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتكە، خەلققە پايدىلىق بۇ ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك!

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇس خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى مۇھىم نۇقتا، تۇغۇت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تىرەك، تويلىشىش، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى كاپالەت قىلىپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش، سىياسەت، قانۇن-نىزام، تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى بىكار قىلىپ، تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئالاقىدار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن مۇنداق دېدى: ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققىنى بىكار قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى ئېنىقلاپ، سىياسەتنى تەڭشەشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئانا-بالىلار ساغلاملىق بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، خەتەرلىك، ئېغىر ھامىلىدار ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان، يەر، تۇرالغۇ، مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سىياسەتلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كۆپ خىل شەكىلدىكى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، 2025- يىلى ھەر مىڭ نوپۇسقا ھاۋالە قىلىنغان ئورۇن سانىنى 4.5كە يەتكۈزۈش كېرەك. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىغا كىرگۈزۈپ چىقىرىۋېتىشنى تەتقىق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ۋە تەكشى تەرەققىياتىنى ۋە شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەرقلىق ئىجارە بېرىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇت قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش دەم ئېلىشى قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ