مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى بېلوئۇسوف بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.07.27 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى بېلوئۇسوف بىلەن تېلېفونلاشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى. يېقىندا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋر ھەمكارلىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  بېلوئۇسوف جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ «رۇسىيە-جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بۇ يىلقى رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. رۇسىيە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە-جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا غايەت زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ