مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

2021.07.27 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، قەدەمنى تېز، پۇختا ئېلىپ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ بىڭتۇەن 1-شى ئارال شەھىرى، 8-شى شىخەنزە شەھىرى، 10-شى بېيتۈن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ تۇەن-مەيدان، ليەندۈي، كەسىپلەر باغچە رايونى، كارخانا، مەھەللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مۇزېيلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۆچمەيدۇ، بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ. مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى داۋاملىق تۈردە بىڭتۇەننىڭ باش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچى قىلىپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، دائىم تۇتۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ شەكىلدىكى ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ھۆكۈمەت»نىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ياخشى يۈرگۈزۈپ، «كارخانا»نىڭ بازار سۇبيېكتىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر دەلىللەش ئالدىنقى شەرتىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا سىياسەت تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش داۋامىدا تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى، ئىشنى، ھوقۇقنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى بىلەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بىڭتۇەننىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

  چېن چۈەنگو، يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ