مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى سىن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.07.27 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىدا سىن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەتقىق قىلىندى.

  جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى. لى كېچياڭ خېنەن، خېبېي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى ھەم مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى، كېيىنكى قەدەمدىكى تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئېلىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئېغىر تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى، بۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھازىر دەل «7-ئاينىڭ ئاخىرى، 8 -ئاينىڭ بېشى»دىن ئىبارەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچى، مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شىمالدىكى قىسمەن رايونلاردا يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىشى، تەيفېڭ بورىنى دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. خېنەن قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشنى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىرمۇ يەرنى ئالا قويماي، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماي، تالاپەتنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى كېرەك. ئازراق ئۈمىد بولسىلا، ھەسسىلەپ تىرىشىش كېرەك. كەسپىي قوشۇن ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئېھتىياجلىق جايلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش كېرەك. يامغۇر ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالى ۋە تەيفېڭ بورىنىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۆپەيتىپ، سىگنال بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا سىگنال بېرىپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي ئەھۋالدا، شەھەرلەردىكى ئېغىر ھۆلچىلىك ئاپىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاممىنى خەتەردىن ساقلىنىشقا ۋاقتىدا تەشكىللەپ، ئالاھىدە ساھەلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىش، ئوقۇش، تىجارەتنى كەسكىن توختىتىپ، دوختۇرخانا قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ توك، سۇ بىلەن تەمىنلىنىشى، خەۋەرلىشىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئادەملەر زىچ توپلاشقان شەھەرلەردە مېترو، تونېل، يەر ئاستى بوشلۇقى قاتارلىقلارغا قارىتا، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قاتتىق تەدبىر بولۇشى كېرەك، ئازراق ئېشىپ كەتسە، قاتتىقراق بولسا بولسۇنكى، توختىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى توختىتىپ، پېچەتلەشكە تېگىشلىكلىرىنى پېچەتلەپ، تالاپەتتىن ھەقىقىي ساقلىنىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق دەريا، سۇ ئامبىرى، توسما، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ۋە شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ھۆلچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چارلاش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ، خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دەرھال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا، كېچىكتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە مۇۋاپىق تەسەللى بېرىپ ۋە نەپىقە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋە يۆتكەلگەن ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەت رايونىنىڭ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، لاي-لاتقىلارنى تازىلاش، زەي چىقىرىشنى تېزلىتىپ، توك، سۇ بىلەن تەمىنلەش، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ زاپاس خىراجىتىنى دەرھال ئىشلىتىپ، ئالدى بىلەن نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قوللاپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سۈرئىتى بويىچە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلارمۇ مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەت ئىئانە قىلغان مەبلەغنى ئاشكارا ئىشلىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە چىڭىتىپ، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپنىڭ تىنچلىقىنى ياخشى قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ