مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نۇەن شۇەنفۇغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ، پان مىنچىننىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.07.27 12:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى نۇەن شۇەنفۇغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. يۈز يىللىق ئۆزگىرىش، ئەسىرلىك يۇقۇم ۋە ئاپەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئورتاق غايە-ئېتىقادقا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى. مەن جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ۋىيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلاشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ، پان مىنچىننىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، زۇڭلى پان مىنچىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستانە ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ