مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە تارقىتىپ بەردى

2021.07.07 08:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە تارقىتىپ بەردى.

  1 -ئاۋغۇست بىناسىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى رەتلىك سەپكە تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، 18 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىرىپ، قورال تۇتۇپ ئىككى تەرەپتە تىك تۇردى، نام بېرىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپ نامى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت» شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1-ئوتتۇرا ئەترىتىگە لەۋھە تارقىتىپ بەردى ھەم بۇ ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  نام بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتارلىقلار نام بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ