مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى

2021.07.07 08:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىكى 1-ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار: جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ شيۇبىن، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى شۈ چىلىڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ جېنلى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمنىڭ سىلىڭيۈەنى جۈ چيەنشېڭ.

  شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن تۆت ئوفىتسېر كەسكىن، رەتلىك ھەربىيچە قىياپەت، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالەتتە رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى پاگونى تاقىغان تۆت ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ