مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.06.30 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كامبودژا خەلق پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا خەلق پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن رەئىس خۇڭسېن، كامبودژا خەلق پارتىيەسى، كامبودژا خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، كامبودژا خەلق پارتىيەسى كامبودژا خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى بېغىشلاپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، رەئىس ئەپەندىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ داۋاملىق كامبودژا دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا جانجىگەر دوست ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنىڭ قەتئىي يىمىرىلمەس ئىكەنلىكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى جانلىق شەرھلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كامبودژا خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستلۇق، ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ئارا ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ