شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

​ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.06.30 08:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى رەسمىي قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. پۇتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز پات ئارىدا «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»دا بېكىتىلگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، مۇقىم، مۇستەھكەم، ھەرقانداق خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى كۈچلۈك قوغدالدى. ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، سۈپىتى ۋە مىقدارى ماس قەدەمدە ئاشتى. خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدىدى. دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى كۆپ خىل كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بىز جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىك، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كېمىيىپ كەتمەسلىكتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى نىشانى، يېڭى ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇشىمىز كېرەك. ئىشىنىمەنكى، «شەرتنامە» روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەيلى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە قانچىلىك داۋان ئېشىش، قانچىلىك ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت داۋاملىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  پۇتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان تارىختىن بۇيانقى ئالاقىلىشىش مۇساپىسىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەم خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «رۇسىيە - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، «شەرتنامە»دە بېكىتىلگەن ئالاقىدار پىرىنسىپ ۋە روھ رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىدا مۇھىم، ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. رۇسىيە تەرەپ ھازىر رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىم تەرەققىي قىلغانلىقىدىن رازى. بۈگۈن بىز قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «رۇسىيە - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى رەسمىي قارار قىلىپ جاكارلىغانلىقىمىز، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئۆزلىرى تاللىغان تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ پۇتىن ھەم رۇسىيەدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «دېموكراتىيە» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، يەككە تەرەپلىمە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى جازا قوللىنىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئىككى تەرەپ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق خىرىسقا كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ يۇقۇم ۋە ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ نامىغا داغ تەگكۈزۈش، سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈردە قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە ئىككى تەرەپ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئورتاق قارشى تۇرىدۇ، رۇسىيە تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ.

  ئىككى تەرەپ: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئىككى تەرەپ يەنە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكى، ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى تەكىتلىدى.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ