مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ كىرىباتى پارلامېنت باشلىقى رىت بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.06.28 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە كىرىباتى پارلامېنت باشلىقى رىت بىلەن سۆھبەتلەشتى.لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ما ماۋنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-كىرىباتى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سىجىل كۈچەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلىدى. جۇڭگو جۇڭگو-كىرىباتى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىرىباتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-كىرىباتى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو-كىرىباتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ، كىرىباتى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كىرىباتى تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، كىرىباتى تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە، دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت-مائارىپ، ياشلار، تەنتەربىيە، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-كىرىباتى سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىرىباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كىرىباتى پارلامېنتى بىلەن دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ جانلىق ئۇسۇل ئارقىلىق، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ ۋە تۈزىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا يىغىنلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  رىتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىرىباتى جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا كىرىباتى تەرەپنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىرىباتى پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ