شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 31 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلققە يۈزكېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك

2021.06.28 09:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا 31 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىزىل بايلىق پارتىيەمىزنىڭ جاپالىق، شۇنداقلا شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنىڭ دەلىلى، ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. قىزىل قان تومۇر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي خىسلىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى كۈچ مەنبەسى. بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى مەنزىلگە نەزەر سالساق، بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ قولغا ئالغان قىزىل ھاكىمىيەتنى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، تارىخ ۋە خەلققە يۈزكېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

  بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىش مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ ئېلىپ بېرىلدى.

  6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ بېيجىڭ داشۆنىڭ قىزىل بىناسىغا كېلىپ، «شانلىق ئۇلۇغ ئىش قىزىل مۇقەددىمە − بېيجىڭ داشۆنىڭ قىزىل بىناسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بېيجىڭدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىگە ئائىت باش تېمىلىق كۆرگەزمە»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، لى داجاۋ، چېن دۇشيۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا دەسلەپكى مەزگىلدە تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش توغرىسىدا كېڭەشكەنلىكى ۋە قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەنلىكى قاتارلىق ئىنقىلابىي تارىخنى ئەسلەپ ئۆتتى. كۆرگەزمە زالىدىكى ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئاشۇ مەزگىلدىكى شانلىق تارىخنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بېيجىڭ داشۆ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى ۋە 4 - ماي ھەرىكىتى باشلانغان جاي، ئەڭ بالدۇر دۆلىتىمىزدە ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىغا، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ بېيجىڭدىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىگە تارىخىي گۇۋاھ بولغان جاي بولۇپ، پارتىيە قۇرۇش جەريانىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. قىزىل بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، تارىخقا دەل جايىدا باھا بېرىپ، تارىخنى توغرا ئۆگىنىش، تارىختىن توغرا پايدىلىنىش كېرەك.

  فېڭزېيۈەندىكى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى − يولداش ماۋ زېدۇڭ 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ 17 يىل خىزمەت قىلغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي. يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە يېڭى جۇڭگو بەرپا قىلىش ۋە قۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار زور سىياسەت، تەدبىرلەرنى پىلانلىغان. شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئېھتىرام بىلدۈردى، يى نيەنتاڭ زالىدىكى نەق مەيدان كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ فېڭزېيۈەندە خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىگە دائىر سۈرەتلىك قىسقا فىلىمنى كۆردى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ يەردە مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقارغانلىقى، مۇھىم چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىش بېجىرگەن رايون، مەجلىسخانا ۋە كىتاب ساقلاش ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ تەكشۈرۈپ تۈزەتكەن مۇھىم ھۆججەتلەر، ئوقۇغان كىتابلىرى، كىيگەن كىيىملىرى، ئىشلەتكەن كۈندىلىك بۇيۇملىرى ۋە خەت - چەك، قول يازما، سۈرەت قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب سالاپىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ داشۆنىڭ قىزىل بىناسى ۋە فېڭزېيۈەن پارتىيە تارىخىدا بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى جانلىق شەرھلىدى، بۇ بىز ئۈچۈن تەسىرلىك ھەم جانلىق پارتىيە تارىخى دەرسلىكى بولدى.

  ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭغا قايتىپ كېلىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى. شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قىزىل رەڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رەڭگى، دۆلىتىمىزنىڭ 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنىدا قىزىل بايلىق يۇلتۇزلاردەك تارقالغان، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ 100 يىللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە قىزىل قان تومۇر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. ھەربىر تارىخىي ۋەقە، ھەربىر ئىنقىلابىي قەھرىمان، ھەربىر ئىنقىلابىي روھ، ھەربىر ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپە، قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى، مېھىر - مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى، قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ قىزىل قان تومۇرىنى مۇجەسسەملىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پارتىيەمىزگە نىسبەتەن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلار، قىزىل يادىكارلىق ئورنى، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە مەيدان - سورۇنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم، ئاساسلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسىي جەھەتتىن باردىم. ھەربىر جايغا بېرىپ، ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ياد ئەتكىنىمدە، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتكىنىمدە، قەلبىم بىر قېتىم لەرزىگە كېلىدۇ، روھىم بىر قېتىم تاۋلىنىدۇ. ھەر قېتىم ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن كېلىپ، نۇرغۇن تەسىرات بىلەن قايتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا كەڭ تارقىلىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى، ماركسىزم پارتىيەمىزنى ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەگە ئىگە قىلدى، دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئىگە قىلدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تۈپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ. بىز پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر غايە - ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كوممۇنىستلار غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن كاللىسى كېتىشتىن، ئىسسىق قان ئاققۇزۇشتىن باش تارتمىدى. كوممۇنىزم پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى، بۇ ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى چىڭىتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا سىڭگەن بىر قىزىل لىنىيە. ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى، بىزگە ئوخشاش بۇنداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ زور خېيىم - خەتەر يوق. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۈزلۈكسىز ھېس قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز، بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ جۇغلىنىشىغا ئېھتىياجلىق، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، ئىنقىلاب قىلىش ۋە جان تىكىش روھىنى يوقىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، كەمتەر - ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق - ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇش ئەنئەنىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەتنى يوقىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ روھ ئارقىلىق ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەمىز 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، جاسارىتى بۇرۇنقىدەكلا ئۇرغۇپ تۇرماقتا، بۇنىڭدىكى سىر ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىدا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ قۇدرەتلىك تىرىكى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەلەپچان بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر بىر لاياقەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قىزىل بايلىقنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداش، ياخشى باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. قىزىل بايلىقنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىستېمىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بايراق روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. ئېسىل ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى بەرپا قىلىپ، سىياسىيۋىلىك، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق سۆزلەپ، ئىپادىلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى جانلىق تارقىتىش كېرەك. تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدىكى مۇھىم، زور ۋەقە، مۇھىم، زور تۈگۈن نۇقتىسىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم بەلگە جايلارنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، پارتىيە ھېكايىسىنى، ئىنقىلاب ھېكايىسىنى، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ چۈشىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەربىيە پائالىيەتلىرىنى لايىھەلەپ، مول خاسلىققا ئىگە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسى بازىسى قۇرۇپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا قەلبىدە قىزىل غايە تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ