مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىقيىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2021.06.25 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان، پات ئارىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغان مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ «<14-بەش يىل>لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى. كېڭىشىش داۋامىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش، ئەقىل-پاراسەت، كۈچ مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك ئەۋزەل رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت ئۇسۇلىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ، دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك؛ مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ «14-بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئالدىن تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئاساسى بار، قىممىتى بار پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى نازارەتچىلىكنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك؛ «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش» تەلىپى بويىچە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش قائىدىسىنى ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، ئەزالارنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈپ تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا ۋاڭ جىڭچىڭ، ۋاڭ شياۋدۇڭنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاش قارار قىلىندى؛ ۋاڭ شياۋدۇڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ۋاڭ جىڭچىڭ مائارىپ-پەن-تېخنىكا-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى؛ يولداش ليۇ خۇانىڭ خىزمەت سەۋەبىدىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشى قوبۇل قىلىندى، يولداش ليۇ خۇانىڭ نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىمەسلىكى قارار قىلىندى.يېپىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئۆگىنىش لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى ۋە 100 يىللىق چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى»نى باش تېما قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى، دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى ئومۇمىيەت» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ،، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ،خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ