مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گۇتېررېسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.06.21 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك باش كاتىپلىققا ئۇدا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گۇتېررېسقا ۋە پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سوساغا ئايرىم - ئايرىم تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەڭ ئومۇمىيلىق خاراكتېرى، ۋەكىللىك خاراكتېرى، نوپۇزلۇق خاراكتېرى بولغان ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. جۇڭگو تەرەپ باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»دە يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ