شى جىنپىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك

شى جىنپىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى

2021.06.21 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن پائالىيەتكە قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ، «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلارلىق دەرسلىك. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش ئارقىلىق، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

  يېقىندا پۈتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى بۇ جايغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش»، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش»تىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنۈپ كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن، 2600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 3500 يۈرۈشتىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئەمەلىي بۇيۇم ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىسى تۇنجى قېتىم ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلىنغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيە جەھەتتىن ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى مول مەزمۇنلۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنى قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى.

  ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى باش تېما قىلىنغان سىر رەسىم، ماركسنىڭ «بىريۇسسېل خاتىرىسى»نىڭ 4 - قول يازما خاتىرە دەپتىرى، 1 - قۇرۇلتاي يىغىن ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى، ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش كۆرگەزمە تاختىسى، زۇنيى يىغىنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىنىڭ بېلەت تاشلاش ساندۇقى، دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنىڭ سۈرەت تەسۋىرى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن قوراللار، «ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا قارايلى» تېمىلىق سۆزنىڭ تېزىسى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقا دائىر سۈرەتلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سانلىق مەلۇمات جەدۋەللىرى، خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىلىرىنىڭ مودېللىرى... قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار، تەپسىلىي ئارخىپ - ماتېرىياللار، جانلىق سۈرەت - سىنلار، ئەينەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئارىلاپ - ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ ئىنچىكىلەپ كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلار پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ قىزىل چوڭ زالىغا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، رەھبىرىي يولداشلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى چوڭ زالدا ياڭرىدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ