مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇھىت كۈنى باش تېما پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.06.07 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، دۇنيا مۇھىت كۈنى باش تېما پائالىيىتىنىڭ پاكىستاننىڭ ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىلبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئون يىلىنىڭ باشلىنىش يىلى، پاكىستاننىڭ «ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» باش تېمىسىدىكى دۇنيا مۇھىت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارى—ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى. ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ. ئىنسانلار تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭيوقىلىشى، چۆللىشىشنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ناچار ھاۋارايىنىڭتەكرار كۆرۈلۈشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۇنياجاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، خەلقئارا جەمئىيەت مىسلىسىز يۈكسەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەزەلدىن تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىنى قەدىرلەپ كەلگەن. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزىدۇ. يەر شارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى، يېتەكلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. جۇڭگو بۇ يىل «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ئېچىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش زور پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

  1972-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىنى دۇنيا مۇھىت كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى ھەر يىلى بىر ئەزا دۆلەتنى تاللاپ دۇنيا مۇھىت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. «ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»—بۇ يىللىق دۇنيا مۇھىت كۈنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ