دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەلئارا دوستلۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن بۇلتۇر 11-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەلئارا دوستلۇق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى ۋە پائال قوللىشىغا ئېرىشتىم. مۇنبەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ «شاڭخەي روھى» ۋە ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلئارا دىپلوماتىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلب ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەلئارا دوستلۇق مۇنبىرىنى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شۇ كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئېچىلدى، «ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېما قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ