مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.06.04 09:53 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقى چوڭقۇر ئاساسقا ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە. بۇ يىل جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، قازاقىستان پات ئارىدا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يېشىل ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچەپ، «يېشىل يىپەك يولى»، «ساغلام يىپەك يولى»، «رەقەملىك يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، ئەنئەنىۋى تېبابەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە قانۇن ئىجراسى، خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  توقايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو خەلقى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە مەزمۇت قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەشەببۇس، كۆز قاراشلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالقىشلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ مول دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلدۇردى. قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىسمى - جىسمىغا لايىق مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا قاتارلىق قىممەتلىك مەدەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ