مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.06.04 09:51 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا كەڭ تارقالغان ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان ئۆز ئارا قوللاپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، ھەقىقىي دوستلۇق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. بىز پات ئارىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، جۇڭگو-ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلانمىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قوللايدۇ، ئەزەربەيجاننى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپ پۇرسەتتىن ھەمبەھىرلىنىپ، تەرەققىياتنى تەڭ كۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ياخشى پىلانلىشى، ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئەزەربەيجاندىن تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەزەربەيجانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-ياۋروپا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن تېببىي ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ئەزەربەيجان بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا تەڭ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئەلىيېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋالاش ئەشيالىرى، ۋاكسىنا قاتارلىق قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ياخشى بولۇپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى. ئەزەربەيجان تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەزەربەيجانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن رايون ئىشلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو-ئەزەربەيجاننىڭ ھەقىقىي ھەمراھى، ئەزەربەيجان ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللىغان، ھازىر ھەم كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئەزەربەيجان جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ