مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.06.04 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە دومىنىكا زۇڭتۇڭى ئابىنادېر بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، دومىنىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى دىپلوماتىيەنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دومىنىكا ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولدى. جۇڭگو دومىنىكانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق قوللايدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە دومىنىكا يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم بالدۇر غەلىبە قىلالايدۇ.

  جۇڭگو دومىنىكا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-دومىنىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى پات ئارىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، بۇ دومىنىكا تەشەببۇس قىلغان «خەلقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. جۇڭگو دومىنىكا بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى باشلانغان يىل، جۇڭگو ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە كېڭەيتىپ، جۇڭگو-دومىنىكا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ۇڭگو دومىنىكانىڭ جۇڭگوغا ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دومىنىكاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو دومىنىكا بىلەن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. دومىنىكانىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇمىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئابىنادېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پات ئارىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەمىنلىگەن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ۋاكسىنا دومىنىكانىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىدى، دومىنىكا بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. دومىنىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ