خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 25-ماي بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لازو بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداش. يېقىندا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىياس كانېل بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرنى قامال قىلىش، جازالاش، بېسىش، توسۇشتەك زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، قان بىلەن گۆشتەك دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، يېڭى ئېنېرگىيە، ساياھەت، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەر ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك.
لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چىن ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، غايە-ئېتىقادتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. ئىككىنچىدىن، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا. ئۈچىنچىدىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. تۆتىنچىدىن، ئۆز قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولدى.
لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كۇبا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، ۋەكىللەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى سىياسەت ۋە قانۇن مۇھىتى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق قارالمىلاردا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداش لازىم.
لازو مۇنداق دېدى: كۇبا-جۇڭگو دوستلۇقى يېڭىلىنىپ، سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ. كۇبا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كۇبا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. لازو يەنە كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن سۆھبەتكە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى