مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جېجياڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.05.26 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن، ئۆلكە باشلىقى جېڭ شەنجيېنىڭ ھەمراھلىقىدا نىڭبودا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  نىڭبو جوۋشەن پورتى دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى يۆتكەپ توشۇش بازىسى. لى كېچياڭ پورت تىجارىتى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ داۋالغۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىپ، ئەركىن، ئادىل سودىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. ئۇ، نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ رايون ئورنى، سۇ يولى ۋە دەريا-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى قاتارلىق ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت بۇ شاھماتنى چىڭ تۇتۇپ، بازارلاشتۇرۇش چارىسى ئارقىلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش، ساقلاش-توشۇش، سودا قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، كەلگۈسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ دەۋرىيلىك داۋالغۇشىغا تاقابىل تۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  لى كېچياڭ پورت رايونىدىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى سورىدى. بەزى شوپۇرلار يۈك توشۇش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى يىللىق تەكشۈرۈشتە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا قايتىش كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئىنتايىن قولايسىز ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇۋاپىق تەلەپلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ يىل ئىچىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ھەمراھلىرىغا بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پىكرلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشنى تاپىلىدى. بازار سۇبيېكتى ياخشىلانسا، دۆلەت گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ.

  لى كېچياڭ نىڭبو ئىختىساسلىقلار بازىرىدا شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ. نۇرغۇنىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىگىلىك تىكلىگۈسى بار، سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لې گې شىركىتىدە، لى كېچياڭ يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىركەتنىڭ ياۋروپادىكى چەت ئەل ئامبار خىزمەتچىلىرى بىلەن سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنى ئىستېمالچىلار قارشى ئالىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك ئېچىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، چەت ئەل ئامبارلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى كېچياڭ ئون نەچچە ياسىمىچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلەمچى خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىڭ كارخانىنىڭ تىجارىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى چوڭ، ئوتتۇرا ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىغا زىيادە بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، تۆۋەن ئېقىنغا ئۆتكەندە يەنە ئىستېمالغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق بازار سۇبيېكتىنى قوللاش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، باھانىڭ ئۆسۈشىنىڭ تۆۋەن ئېقىنغا ئۆتۈشىنى تىرىشىپ ئاستىلىتىش كېرەك. كارخانىلارمۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەننەرخ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىنجوۋ رايونلۇق مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىدە، لى كېچياڭ ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ كارخانا ۋە ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ نەق مەيداندا كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، باج بېجىرگەن ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازار سۇبيېكتى __ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئۇلارنىڭ قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق ئادەتتىكى ئۇچۇرلارنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم مەلۇم قىلىپ»، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، بازار رىقابىتىنى تېخىمۇ ئادىل قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ جېجياڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ