مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۈەن چۇنفۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.25 19:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ماي ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۈەن چۇنفۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ رۈەن چۇنفۇدىن باش شۇجى رۈەن فۇجوڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، «يولداش ھەم قېرىنداشلارچە» ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى، ئىناق قوشنىدارچىلىق ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پات ئارىدا كۈتۈۋېلىنىدۇ، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ۋىيېتناممۇ ئىككى 100 يىللىق نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش توغرا يۆنىلىشىنى بېكىتىشى كېرەك. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ۋىيېتنامغا قارىتىلغان دوستلۇق فاڭجېنىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، ۋىيېتنامنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى توغرىسىدىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىگە بولغان غايە-ئېتىقاد ۋە تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر مەزمۇنى ئاتا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ پارتىيەلەرئارا ئالاقىدىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكتىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق يېتەكچى كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە «ئىككى كارىدور، بىر چەمبەر»نى تۇتاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھالەت ۋە يېڭى قۇۋۋەت ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى لازىم. ئەلئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامغا ياردەم بېرىش خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ياخشى تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  رۈەن چۇنفۇ باش شۇجى رۈەن فۇجوڭنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى پات ئارىدا كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ياخشى بولۇپ باقمىغان. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك غايەت زور بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈتۈۋالغانلىقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشىنىدۇ ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو قېرىنداش ھەم يېقىن قوشنىلار، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى، مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، ۋىيېتنام-جۇڭگو دوستلۇقىنى داۋاملىق قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ياشلار، ئادىمىيەت، يەرلىكلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ