مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.05.25 19:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، پۈتۈن خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىدا ھەمتۈرتكە بولۇپ كېڭىشىش شەكلى قوللىنىلدى، مەملىكەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك 100دىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە گۇيجوۋ، يۈننەن شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، 28 ئەزا، مۇتەخەسسىس ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى يىغىن مەيدانىدا ياكى سىنلىق ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆز قىلدى، 140قا يېقىن ئەزا كۆچمە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلدى. ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: دىققەتنى كەسىپتىن ئىبارەت بۇ نېگىزگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىش، بار بولۇشتىن ئەلالىشىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەركىزىي بازار، نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ بايلىق ئوبوروتى، تاۋار ئوبوروتى، ئۇچۇر ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئۈچ «تېز سۈرئەتلىك يول»نى ئېچىش كېرەك. ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ «يول باشلاش»، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ «يېتىلدۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار قوشۇنى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، كەسىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش شەكلىدىكى ياردەم بېرىش-يۆلەش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش-يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت، مېخانىزم، سىياسەت، ئاپپارات، قوشۇننىڭ تەكشى، مۇقىم ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ياڭ چۈەنتاڭ يىغىندا سۆز قىلدى، ليۇ چىباۋ، لى بىن، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ