مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك

​لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2021.05.24 20:18 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشتا پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاشتىن ئىبارەت بۇ دىرىژورلۇق تايىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، توغرا بولغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى خەلق مائارىپىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش سۇبيېكتلىق فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، باھا تەڭشەش كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ يۈكىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشىگە، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش - سەھىيەنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ چوققا قىممەتكە يېتىشى، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسىنىڭ سىياسەت يېتەكچىلىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تارىخ ئالدىدا مەسئۇل بولۇش، خەلق ئالدىدا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تۈرگە ئايرىلىشى ئىلمىي، قوغدىلىشى كۈچلۈك، باشقۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان شەھەر - يېزىلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، دىققەت «تۆتكە يۈزلىنىش»كە مەركەزلەشتۈرۈلگەن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش يۆنىلىشى تەدرىجىي تۇرغۇزۇلدى، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مۇھىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرگە ئايرىلغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش سىستېمىسى تېخى بەرپا قىلىنمىدى، كۆرسەتكۈچ يەككىلىشىش، ئۆلچەم مىقدارلىشىش، نەتىجە مەنپەئەتلىشىش مەسىلىسى يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئاچقۇچ «نېمىنى باھالاش»، «كىم باھالاش»، «قانداق باھالاش»، «قانداق قوللىنىش» مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. سۈپەت، نەتىجە - ئۈنۈم، تۆھپە يادرو قىلىنغان باھالاش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تەتقىقات، تېخنىكا ئېچىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى نەتىجىلەرگە قارىتا تەپسىلىي باھالاش ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىلىم - پەن، تېخنىكا، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىممىتىگە ئومۇميۈزلۈك، توغرا باھا بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىقلار ئورتاق قاتناشقان كۆپ مەنبەلىك باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان باھالاشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 3 - تەرەپ باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك باھالاش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. پەن تەتقىقاتنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش خاراكتېرى ۋە نەتىجىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك باھالاش، تۈردىن كېيىنكى باھالاش ۋە نەتىجە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا تۈر نەتىجىلىرىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاشتىكى نەزەرىيە ۋە ئۇسۇل تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاشتا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىش، قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىش ئەھۋالىنى توسۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكا سودا بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە سېلىنمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش سىياسىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىغا يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىجادىي تۆھپە قوشقان ئالىملار ۋە بىرىنچى سەپتىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى مۇكاپاتلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇكاپاتلاش سانىنى كونترول قىلىپ، مۇكاپاتلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر بولۇش مەسىلىسى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نەزەر دائىرىسى تار بولۇش، مەنپەئەتكە بېرىلىش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. بولۇپمۇ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تەرتىپسىز تەرەققىي قىلىپ، «مەكتەپ ئىچىدە يۈكى يېنىك بولۇش، مەكتەپ سىرتىدا يۈكى ئېغىرلاپ كېتىش» ئەھۋالى گەۋدىلىك بولدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ تۈپ تەدبىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. مائارىپ - ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئازايتىپ، ئىمتىھان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىن ئادەم تەربىيەلەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ - ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سالاھىيىتى ئۇيغۇن كەلمەسلىك، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش، ساختا تەشۋىق قىلىش، مەكتەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ پايدا ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان ئاپپاراتلارنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالدىن ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خالىغانچە كاپىتاللاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، ياخشى ساھەلەرنى پايدا - مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ساھەگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ئالاقىدار قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، لايىھەنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەشكىللەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئوقۇتۇش - تەربىيەلەش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى پۇختا يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئىسلاھاتلارغا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دورىغا پىرسەنت قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مىقدارلىق، مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ۋە تەننەرخ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، دورا خورىما ماتېرىياللىرى باھاسىنى تۆۋەنلەتتى، بۇنىڭ بىلەن پۇقرالارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى، شۇنداقلا داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەشكە شارائىت يارىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى تۈرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، نىشان يېتەكچىلىكىدىكى باھا تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى تۈرىنى تېخىمۇ ياخشى ھېسابلاش، تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىش، تېخىمۇ ياخشى باھالاش، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ۋە باھا باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مىقدار دائىرىسىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆرلەشمۇ بولۇش، تۆۋەنلەشمۇ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. داۋالاش مۇلازىمىتى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال تۈرلەردە، ھۆكۈمەت باھا ئاساس ئۆلچىمىنى ياخشى تۇتۇشى، ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك؛ تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى مۇرەككەپ تۈرلەردە، ھۆكۈمەت رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ كەسپىي خاراكتېرلىك پىكىر - تەكلىپلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، تېخنىكىلىق ئەمگەك مۇلازىمىتىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشى كېرەك. سەزگۈر، چەكلىك بولغان باھانى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، باھا تەڭشەشنى قوزغىتىش شەرتى ۋە چەكلەش شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. باھانى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، باھا مېخانىزمىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، داۋالاشتا خىراجەتنى كونترول قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايونلار ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك، دېڭىز - ئوكيان، سۇ ئېقىنى، تېرىلغۇ يەر قاتارلىق يەتتە ساھەدە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن تولۇقلىمىنىڭ قاپلاش دائىرىسى چەكلىك بولۇش، سىياسەت مۇھىم نۇقتىسى يېتەرلىك گەۋدىلەنمەسلىك، مۇكاپاتلاش - جازالاش سالمىقى نىسبەتەن ئاجىز بولۇش، ئالاقىدار سۇبيېكتلارنى ماسلاشتۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈرگە ئايرىپ تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تولۇقلىما مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن، مەمۇرىيەت، بازار قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى، ئېكولوگىيە زىيىنى تۆلىمى، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلار بازىرى سودىسى مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ كۈچەپ، ھەم مۇكاپاتلاپ، ھەم جازالاپ، بىر تەرەپتىن تولۇقلىما ئېلىپ، بىر تەرەپتىن بۇلغاشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، چېقىۋېتىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈزۈمنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، قوغداش، پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق، مۇكەممەل قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم يەككە ئىمارەتلەرنى قوغداش، ھەم كوچا - مەھەللە، شەھەر - بازار ئەندىزىسىنى قوغداش، يەنە تارىخىي بۆلەك، تەبىئىي مەنزىرە، ئادىمىيەت مۇھىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر شەھەر - يېزىلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىرىك پىلان، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ