خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنىڭ رۇسچە نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەرجىمە-تەھرىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى 85 پارچە مۇھىم ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ رۇسچە نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە نۇسخىسى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە فاڭجېن-سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ