مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل يېڭىدىن 550 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج كېمەيتىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ

2021.04.02 19:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش چۆرىدىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنى يەنىمۇ قوللايدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بېكىتىلدى. بۇ سىياسەتكە چىقىرىلىپ بولغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوشقاندا، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 550 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنىڭ كېمەيتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»، «بازار سۇبيېكتىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنىلا داۋاملىق ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بۇ يىلقى ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مالىيە چىقىمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن ئاشقان ئاساستا، بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

  ئۈچ چوڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل بەزى باسقۇچلۇق سىياسەتلەرنى تەڭشەش بىلەن بىللە، «جىددىي بۇرۇلۇش قىلماي» تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

  بىرىنچى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقى زورايتىلىپ ھەمدە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئېتىبار بېرىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنىڭ 1 مىليون يۈەنگە يەتمەيدىغان قىسمى ھازىرقى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئاساسىدا، تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىپ، ئەمەلىي باج يۈكى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  ئىككىنچى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش چېكى ھازىرقى ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئۈچىنچى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىر ماشىنىلىرى، ئەسۋاب-پىرىبورلار، تېببىي دورا، خىمىيەۋى تالا قاتارلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى ئىلغار ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ باج قايتۇرۇش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاشقان باجنى ئاي بويىچە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىش يولغا قويۇلىدۇ.

  ئۈچ خىل كىشىلەر توپىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىلىدۇ

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن قارىغاندا، بىر قاتار باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، نىشان ئوبيېكتىنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق دەپ دەل جايىدا بېكىتتى، بۇ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى مىسالغا ئالساق، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز بازىرىدىكى 123 مىليون ئائىلە ئىچىدە، يەككە سودا-سانائەتچى 82 مىليون 610 مىڭغا يېتىپ، ئۇلار 200 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت ياردىمى بىلەن پائال تەمىنلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  «مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىش» قايتا تەكىتلەندى

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، باجدىن باشقا كىرىمنى تەرتىپلىك، مۇۋاپىق ئازايتىپ، تۈرلۈك ناملاردا قالايمىقان ھەق ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى ۋە ئىسلاھاتىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ زور نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، جانلىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىكنى مالىيە كىرىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، قارىغۇلارچە يېڭى يايما يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ شاڭشى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنى تۈزۈم خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، باسقۇچ خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە ۋاقىتلىق ھالدا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش.

  تۈزۈم خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك بولۇپ، كۆزلىمىلىككە ئىگە. تىجارەت سۇبيېكتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەلۇم ۋاقىت نۇقتىسىغا بارغاندا تۇيۇقسىز تەڭشىلىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، بولۇپمۇ باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شارائىتتا، باج تۈزۈمىدىكى مەلۇم ئامىلنىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتۈشى كېرەك.

  باسقۇچ خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى سىياسەت خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ بەلگىلىك مۇددىتى بولىدۇ، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىق كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋاقىتلىق سىياسەتلىرى بار، بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ زەربىسى مىسلىسىز بولدى، دۆلەت بەزى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋاقىتلىق سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالىيەنى كېڭەيتىش باشتىن-ئاخىر بىخەتەرلىك سىزىقى ئىچىدە تۇرغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئېلىمىز باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى، دۆلىتىمىز باجنى باسقۇچلۇق، كەڭ كۆلەمدە كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا بازار سۇبيېكتىنىڭ 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا كۈچلۈك ياردەم بەرگەن.

  ھەممىگە مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكىتى يەنىلا «زىچ تەڭپۇڭ» ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىكى مالىيە سىياسىتى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا «مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىش»نىڭ قايتا تەكىتلىنىشى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان سىياسەت بوشلۇقىدىن ئىبارەت. سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقا قارىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ